Аналитика Telegram-канала
Подписчики
2 244
Охват за 24 ч
708
ER за 24 ч
31,55%
Публикаций
3 748

Динамика подписчиков

7 дней 30 дней 6 месяцев Больше
6 ноя9 ноя12 ноя
Показаны последние 7 дней Больше истории →

Охваты публикаций

09.1110.1110.1110.1110.1110.11
82
Средний охват
345
Лучший результат
Показаны 6 публикаций — последние в канале Больше статистики →

Упоминания

45
Упоминаний
29
Из них репостов
9
Каналов
Все упоминания

Последние посты

3 из 3 748 2 из 3 748
يېنىڭلاردىكى قىزلىرىڭلارنىڭ پىشانىسىگە، راھىلە قىزىمىزنى سۆيدۈم دەپ بىرنى سۈيۈپ قويۇڭلار...... نەزىرە ئۇيغۇر https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️‍🔥💔❤️‍🩹😭
ещё
24 0 10 ноя, 11:36
تۈرمىدە قانچە قىينالغانسەن، قانداق زۇلۇم كۆرگەنسەن، ئاھ يۈرەك! بۇ سۇنغان قەلبىڭ بىلەن، بۇ قان تۆكۈلگەن روھىڭ بىلەن قانداق بەرداشلىق بەردىڭ، ئى مەسۇم سىڭلىم! سېنىڭ ۋە ئاتا-ئاناڭنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا تۆككەن ھەر بىر تامچە يېشىڭ، بىر كۈنى بۇ دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىنى ئوتقا ياقىدىغان بىر پارچە چوغ بولۇپ قالغۇسى. سېنى ۋە ئاتا - ئاناڭنى ئۇنتۇغانلارنىڭ، سېنىڭ ئازابىڭغا كۆز يۇمغانلارنىڭ ۋىجدانى مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتتا كۆيسۈن. مانا بۇ بىرلا راھىلەنىڭ ئەمەس، مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكى قورقۇنچ بىلەن ئېچىلىدۇ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ داستىخىنىدا بىر ئورۇن بوش تۇرىدۇ. بىر ئۆيدە دادا يوق، يەنە بىر ئۆيدە ئانا يوق، يەنە بىر ئۆيدە پۈتۈن ئائىلە غايىب بولغان. كىچىك بالىلار خىتايلار ئاچقان يېپىق ياتاقلىق مەكتەپلەرگە قامىلىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇشقا، ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن نەپرەتلىنىشكە مەجبۇرلانماقتا. بىر ئانىنىڭ ئۆز بالىسى بىلەن ئۆز تىلىدا سۆزلىشەلمەسلىكى، بالىسىنىڭ ئالدىدا يىغلىيالماسلىقى بۇ قانداق ئازاپ ؟ بۇ ئازابنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىنمۇ؟ خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى پەقەت ئادەملەرنى قاماش بىلەنلا چەكلەنمىدى؛ ئۇ بىر مىللەتنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالدى. مەسچىتلەر چېقىلدى، قەبرىستانلىقلار تۈزلەندى، كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، ئالىملار، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار تۈرمىلەرگە تاشلاندى. چۈنكى زالىم شۇنى ياخشى بىلىدۇكى، بىر مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەقلىنى، ئەسلىمىسىنى ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىش كېرەك. ئەگەر بىر خەلق ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇسا، ئۆز تىلىنى يوقاتسا، ئۇ خەلق جىسمانىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئۆلگەن بولىدۇ. بۇ پاجىئەلەر ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ چارىسىزلىكى يۈرەكلەرنى تىلغىماقتا. ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىر ئېغىز «ئاھ» دېيىشكىمۇ ئامالسىز. يىغلىسا «تېررورچى»، سۆزلىسە «بۆلگۈنچى»، سۈكۈت قىلسا «گۇمانلىق» دەپ قارىلىدىغان بىر مۇھىتتا، ئىنسانلار نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ قولىدا قورال يوق، ئارقىسىدا تىرەك بولىدىغان بىر دۆلەت يوق، دۇنياغا دەردىنى ئاڭلىتىدىغان بىر يول يوق. ئۇلار پەقەت ئاسمانغا قاراپ، ياراتقۇچىغا نالە قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان بىر خەلققە ئايلاندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارىسىزلىكى بولسا يەنە بىر خىل ئازاب. بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈن، ئەمما قەلبىمىز تۈرمىدە. ھەر كۈنى ئەتىگەن ئويغانغاندا، يانفونىمىزنى ئاچقاندا يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەن خەۋىرىنى ئاڭلايمىز. ئانا-ئاتىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھايات ياكى ئۆلۈك ئىكەنلىكىنى بىلمەي، يىللاردىن بۇيان ئاۋازىغا تەشنا بولۇپ ياشاۋاتىمىز. كۈلسەك كۈلكىمىز بوغۇزىمىزدا تۇرۇپ قالىدۇ، يېسەك تاماق گېلىمىزدىن ئۆتمەيدۇ. «مەن نېمە قىلالايمەن؟» دېگەن ئاجىزلىق تۇيغۇسى ئىنساننىڭ ئىچىنى يەيدۇ. بىز دۇنياغا ۋارقىرايمىز، ئەمما دۇنيا گاس؛ بىز پاكىتلارنى كۆرسىتىمىز، ئەمما دۇنيا قارىغۇ. چوڭ دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ قانلىق پاجىئەگە كۆز يۇمماقتا. «دۇنيانى زالىملارنىڭ ۋەھشىيلىكى ئەمەس، ياخشىلارنىڭ سۈكۈتى ۋەيران قىلىدۇ». بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئە پەقەت ئۇيغۇرنىڭلا سىنىقى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدان سىنىقىدۇر. ئەگەر بۈگۈن راھىلەدەك بىر قىزنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈشى دۇنيانى ئويغىتالمىسا، ئەگەر ئانىلارنىڭ كۆز يېشى تاش يۈرەكلەرنى ئېرىتەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا ئادالەت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قالمىغان بولىدۇ. ئەمما ئەي ئۇيغۇر! چارىسىزلىك ئىچىدە ئۈمىدسىزلىككە چۆكمە. چۈنكى تارىختا ھېچبىر زۇلۇم مەڭگۈ داۋام قىلمىغان، ھېچبىر تۈن ئەبەدىي قاراڭغۇ قالمىغان. زالىمنىڭ قورالى ۋە زىندىنى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا بولسۇن، ئۇ بىر خەلقنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقەت ۋە ئەركىنلىك ئىستىكىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىمىز — ئۇنتۇماسلىقتۇر. راھىلەنى ئۇنتۇماسلىق، تۈرمىلەردە قۇربان بولغان ھەر بىر مەزلۇمنىڭ ئىسمىنى قەلبىمىزگە ئويۇش، ئانا تىلىمىزنى بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىش ۋە بۇ ھەقىقەتنى دۇنياغا سۆزلەشتىن توختىماسلىقتۇر. جەننەتلەردە بولغىن، ئى مەسۇم سىڭلىم راھىلە! سېنىڭ 23 يېشىڭدا توختاپ قالغان يۈرىكىڭ، بىزنىڭ ۋىجدانىمىزدا مەڭگۈ سوقىدۇ. تۈرمە تاملىرى ئىچىدە تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە كۆز يېشىڭ، بىر كۈنى ئەلۋەتتە بۇ زۇلۇم تاملىرىنى يىقىتىدىغان كەلكۈنگە ئايلىنىدۇ. بىز سېنى ئۇنتۇمايمىز، بىز بۇ قەرزنى ئۇنتۇمايمىز، تارىخ بۇ قاننى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ! بەزى چىرايلارنى ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر ئۆمۈرلۈك دەرد، ئۈزۈلگەن ئارزۇ ۋە يېزىلىپ بولمىغان بىر تارىخ بار......
ещё
25 0 10 ноя, 11:36
قان بىلەن يېزىلغان تارىخ: 14 ياشلىق راھىلە ۋە ئۇنتۇلماس پاجىئە «بۇنى يېزىپ بولغۇچە مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ كەتتىم. بۇ قىزنىڭ ئىسمى خىتتاينىڭ زەھەرلىشى بىلەن قاتتىق كېسەل تارتىپ 25 يېشىدا تۈگەپ كەتكەن رەھمەتلىك نەۋرە ھەدەمنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش ئىكەن... ئاللاھ ئىنساننى ئاجايىپ ياراتقان ئىكەن؛ مۇشۇنچە دەرت-ئەلەمگە چىداپ، يەنە كۈلۈپ، ئۇخلاپ، يەپ-ئىچىپ ياشاۋاتىمىز...» بەزىدە ئادەم بالىسى ئۆزىنىڭ كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك يۈكىدىنمۇ ئېغىر دەردلەرنى مۈرىسىدە ئارتىپ يۈرۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. كىتابلاردا ئوقۇغىنىمىز، تارىخ بەتلىرىدە كۆرگىنىمىز — «ۋەھشىيلىك» دېگەن ئۇقۇم پەقەت قەدىمكى زامانلارنىڭ ئارخىپىدىلا قالغان گەپ ئەمەس . ئۇ بۈگۈن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا، تىرىك جانلار ئۈستىدە، بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدە ئىجرا بولۇۋاتقان بىر جەھەننەم رېئاللىقىدۇر. تارىخ بەزىدە قەلەم بىلەن ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشى ۋە تۆكۈلگەن قانلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن خەلقلەر ئۆز تەقدىرىنىڭ ئېغىر سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەمما بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا، ئۆز ئۆيىدە، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا تىرىك تۇرۇپ كۆمۈلۈشىدەك بۇنداق ئېغىر پاجىئە ئاز ئۇچرايدۇ. بۈگۈن تەڭرىتاغلىرىنىڭ باغرىدا، تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرىدا شاماللارمۇ ئاھ ئۇرۇپ سوقماقتا؛ چۈنكى ئۇ شاماللار قاراڭغۇ زىندانلاردىن چىققان نالىلەرنى، ئانىلارنىڭ تۈن يېرىمدا ياستۇققا تۆككەن ئۈنسىز ياشلىرىنى، بالىلىرىدىن ئايرىلغان دادىلارنىڭ سۇنغان قەلبىنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. زۇلۇم دېگەن نېمە؟ زۇلۇم — بىر ئىنساننىڭ تىلىنى كېسىپ تاشلاپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن نېمىشقا سۆزلىمەيسەن دەپ سوراشتۇر. زۇلۇم — بىر ئانىنىڭ باغرىدىن تېخى ئانا سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن بالىسىنى تارتىپ ئېلىپ، ئۇ بالىغا ئۆز ئانىسىنى «دۈشمەن» دەپ ئۆگىتىشتۇر. خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئاددىي بىر سىياسىي بېسىم ئەمەس؛ ئۇ بىر مىللەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇش، روھىنى ئۆلتۈرۈش، تارىخىنى ئۆچۈرۈش ۋە كەلگۈسىنى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىش ھەرىكىتىدۇر. بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىسپاتلىرىدىن بىرى — تېخى 14 يېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، كېيىن تۈرمىدە 23 يېشىدا جان ئۈزگەن راھىلە ئۆمەرنىڭ قىسمىتىدۇر. ئويلاپ بېقىڭ، 14 ياش دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر قىز بالىنىڭ ئەڭ گۈزەل باھارى، مەكتەپ قورۇسىدا دوستلىرى بىلەن كۈلۈپ ئوينايدىغان، ئانىسىنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ ياتىدىغان، كەلگۈسى توغرىسىدا تاتلىق خىياللارنى سۈرىدىغان چاغلىرى ئەمەسمىدى؟ ئەمما راھىلەنىڭ بالىلىقى تۆمۈر رېشاتكىلار ئارقىسىدا، سوغۇق سىمنۇت تاملار ئىچىدە، قورقۇنچ ۋە تەھدىت ئاستىدا ئۆتتى. ئەي قاراڭغۇ سىمنۇت تاملار! سىلەر بىر مەسۇم قىزنىڭ تۈننى يورۇتقان چىرايىنى كۆردىڭلارمۇ؟ سىلەر ئۇنىڭ 14 ياشلىق ئارزۇلىرىنىڭ تۈرمە قارانغۇلۇقىدا قانداق قۇرۇپ كەتكەنلىكىگە چىدىدىڭلارمۇ؟ ئاھ، يۈرەك... بۇ قانداق بىر ۋەھشىيلىككى، ئانا تېلېفوندا بالىسىنىڭ ئاۋازىغا زار، بىر ئۆسمۈر قىز زىنداندا بىر تامچە مېھىرگە، بىر يۇتۇم ھاياتقا زار قىلىندى. ئەڭ ئاچچىقى، ئۇ زىنداندا يالغۇز ئەمەس ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئاللىقاچان زالىمنىڭ لاگىرلىرىغا سۆرەپ كېتىلگەن، ئائىلىسى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتكەن ئىدى. بىر بالىنىڭ ئانا-دادىسىنىڭ ، ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، تۈرمە تاملىرى ئارىسىدا ئۆكسۈپ ياشىشىدىن ئارتۇق جەھەننەم بارمۇ ؟ تۈرمىنىڭ تۇنجى كېچىسىدە ئۇ قانچە يىغلىغاندۇ؟ قورقۇنچتىن تىترەۋاتقان كىچىككىنە قوللىرىغا سوغۇق كىشەنلەر سېلىنغاندا، ئۇنىڭ «ئاتا!... ئانا!...» دەپ ۋاقىرغان ئاۋازىنى قايسى تام يۇتۈۋەتكەندۇ؟ ئاخشاملىرى بىز يۇمشاق ياستۇققا بېشىمىزنى قويۇپ ئۇخلايمىز، ئەمما يەنە قانچىلىغان راھىلە سوغۇق يەردە يۇلتۇزلارنى كۆرەلمەي، پەقەت تېشىدىن كۆزىتىپ تۇرغان زالىملارنىڭ قوپال ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ يېتىۋاتىدۇ . ئۇ يەردە كۈنلەر يىلغا ،يىللار بىر مىڭ يىللىق ئازابقا ئايلانىدۇ . قىزنىڭ نېمە گۇناھى بار ئىدى؟ ئۇ ياشلىقىنى، كۈلكىسىنى، ئەركىنلىكىنى شۇ قاراڭغۇ زىنداننىڭ تۈۋىگە قالدۇردى. 23 يېشىدا — ئەڭ گۈللەپ ياشنايدىغان، كۆكسىگە ئارزۇلار پاتمايدىغان بىر پەيتتە، ئۇ تۈرمىدە جان ئۈزدى. جان بېرىۋاتقان شۇ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئۇنىڭ يۈرىكى «ئانا!» دەپ توختىدى، كۆزى تۈرمىنىڭ ئاسمان كۆرۈنمەس دەرىزىسىگە تىكىلىپلا قالدى. ئۆزى لاگېردا، بالىسى تۈرمىدە جان بەرگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكى قانداق يېرىلدىغاندۇ؟ يېنىدا بىر ئېغىز تەسەللى بېرىدىغان ئانىسى يوق، بېشىنى سىلايدىغان مېھرىبان قوللار يوق...
ещё
18 0 10 ноя, 11:36
Больше постов

Продолжить анализ этого канала

  • История роста подписчиков
  • Просмотры и охваты публикаций
  • Кто упоминает канал и кого упоминает он
  • Похожие каналы и подбор для рекламы
Открыть аналитику
Демо до 14 дней