Аналитика Telegram-канала
Подписчики
77
Публикаций
33
Динамика подписчиков
7 дней
30 дней
6 месяцев
Больше
17 ноя20 ноя23 ноя
Показаны последние 7 дней
Больше истории →
Охваты публикаций
17:01
598
Средний охват
598
Лучший результат
Показаны 1 публикация за 28 октября
Больше статистики →
Упоминания
7
Упоминаний
3
Из них репостов
4
Каналов
0
Упоминаний за 90 дней
0
Из них репостов
0
Каналов за 90 дней
Последние посты
1 из 33 1 из 33سۈرگۈن دېگەنلىك كەڭ كۆلەملىك قاماقتۇر. قاماق بولسا ئالدى بىلەن نەپسكە، ئاندىن بەدەنگە قىلىنىدىغان جازا ۋە ئازابتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى: بەدەننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ھەرىكەتتىن توختاپ ئاجىزلايدۇ، ئەقلى تېڭىرقاپ، كائىناتنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ؛ تۇغقان، يېقىن ۋە دوست-يارەنلىرىدىن ئايرىلىپ، ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ؛ بەش ئەزاسى ئۆز لەززەتلىرىنى يوقىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئازابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
{إِلَّا أَن يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}
زۈلەيخا: «سېنىڭ ئەھلىڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى
سۈرە يۈسۈف 25-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېنىق بىر دەلىل-ئىسپات بولمىغۇچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش توغرا بولمايدۇ؛ ئەكسىچە سۈرگۈن قىلىنىشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن قاماق جازاسىغا لايىق بولسا، ئاندىن قاماق قىلىنىدۇ.
بەزى ئالىملار (مەسىلەن، ئىبنى ھەزم ۋە باشقىلار) سۈرگۈن بىلەن قاماق ئوتتۇرىسىدا پەرق بار دەپ قارىغان.
پەقەتلا نىيەت قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا ئادەم قاماق قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانىنى ئاللاھ تائالا دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن توسقان ئىدى. ئۇلارنىڭ دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن بۇرۇن (كۆڭلىدە) يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلغانلىقىدا شەك يوق. ئاللاھ تائالا يوشۇرۇن سىرلارنىمۇ، ئاشكارا جىنايەتلەرنىمۇ بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا پەقەت (ئەمەلگە ئاشقان) ئىش-ھەرىكەتگىلا جازا بەرگەن،
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەقەتلا بەل باغلىغانلقى ، كۆڭلىگە پۈگكەنلىقى ۋە قەتئىي نىيەت قىلغانلىقىغا جازا چۈشۈرمىگەن.
ئابدۇلئەزىز تەرىفى حفظه الله
مەرۋەزى رحمه الله مۇنداق دېگەن:
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل «قۇرئان مەخلۇق دىيىش » فىتنىسى سەۋەبىدىن زىنداندا ياتقان چاغدا، زىندان باقار ئۇنىڭدىن زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنى سورىدى. ئىمام ئەھمەد: «بۇ ھەدىسلەر سەھىھتۇر» دېگەنىدى،
ئۇ يەنە: «مەن زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى.
ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ياق، سەن ياردەمچىلەردىن ئەمەسسەن، زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرى دېگەن ساڭا كىيىم تىكىپ بەرگەنلەر، تاماق ئېتىپ بەرگەنلەر ۋە شۇ قاتارلىق ئىشلاردا ياردەملەشكەنلەردۇر». ئەمما سەن زالىملارنىڭ ئۆزى سەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە، بىر تىكۈچى سۇفيان سەۋرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن پادىشاھنىڭ كىيىملىرىنى تىكىدىغان ئادەممەن (پادىشاھ زالىم ئىدى)، مەن زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولىمەنمۇ؟» دەپ سورىۋىدى،
سۇفيان سەۋرى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ياق، سەن زالىملارنىڭ ياردەمچىسى ئەمەس، بەلكى زالىملارنىڭ نەق ئۆزىسىسەن! زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرى دېگەن ساڭا يىڭنە ۋە يىپ ساتقانلاردۇر!!» دىدى.
https://t.me/yanboe
ещё
598
10
2 28 окт, 17:01
Продолжить анализ этого канала
- История роста подписчиков
- Просмотры и охваты публикаций
- Кто упоминает канал и кого упоминает он
- Похожие каналы и подбор для рекламы
Открыть аналитику
Демо до 14 дней